ت ر ت (TRT) نىڭ قىسقىچە تارىخى

ت ر ت نىڭ قىسقىچە تارىخى

 

تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت /TRT)، دۆلەت نامىدىن رادىيو – تېلېۋىزىيە تارقىتىشى بېرىش مەقسىتىدە 1964 – يىلى 1 – مايدا مەخسۇس چىقىرىلغان قانۇنغا ئاساسەن رەسمىي كىملىككە ئىگە ھالەتتە قۇرۇلدى. 1972 – يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىشلەر جەريانىدا، TRT غا «بىتەرەپ» خۇسۇسىيەتكە ئىگە دۆلەت ئىقتىسادىي ئورگىنى، دەپ ئېنىقلىما بېرىلدى.

1982 – يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، 1984 – يىلى تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى يېڭىدىن تەرتىپكە سېلىندى. 1986 – يىلىدىن كېيىن تۈركىيەگە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارقىتىش بېرىدىغان خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، TRT نىڭ 1990 – يىلىغىچە داۋام قىلغان تېلېۋىزىيە تارقىتىشلىرىغا بولغان مونوپوللۇقىغا خاتىمە بەردى.

1993 - يىلى ئاساسىي قانۇننىڭ 133 – ماددىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، خۇسۇسىي رادىيو – تېلېۋىزىيە تارقىتىشلىرى ئەركىن قويۇۋېتىلدى، TRT نىڭ ئەركىنلىكى قايتىدىن ئورنىتىلدى. TRT نۆۋەتتە ئەركىنلىكى ۋە بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقى ئاساسىي قانۇندا كۆرسىتىلگەن، رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە بىلەن پۈتكۈل مېدىيا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تارقىتىش بېرىدىغان ئاممىغا خىزمەت قىلىش پىرىنسىپىنى بويلاپ خىزمەت قىلماقتا.

تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن ئىلگىرى، دەسلەپ قېتىم تۈرك سىمسىز تېلېفون ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ قارمىقىدا بېرىلگەن رادىيو تارقىتىشلىرى 1964 – يىلى TRT بايرىقىغا ئاستىغا توپلاندى. 1927 – يىلى 6 – مايدا تارقىتىش بېرىشكە باشلىغان ئىستانبۇل رادىيوسىدىن كېيىن، 1928 – يىلى ئەنقەرە رادىيوسى تۇنجى تارقىتىشلىرىنى باشلىدى. ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇل رادىيولىرى 1936 – يىلى 8 – سېنتەبىردە پوچتا، تېلېگراف، تېلېفون ئىدارىسى (PTT) غا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. PTT غا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن تارقىتىش ئاپپاراتلىرى كۈچەيتىلگەن ئەنقەرە رادىيوسى، 1938 – يىلى رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. 1938 – يىلى ئۆكتەبىردە تارقىتىشلىرىنى توختىتىپ قويغان ئىستانبۇل رادىيوسى، 1949 – يىلى 19 – نويابىردا تارقىتىش ھاياتىنى قايتىدىن باشلىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بىلەن بىرلىكتە، رادىيولار يېڭى قۇرۇلغان مەتبۇئاتى ئۇمۇم مۇدىرلىقى (مەتبۇئات، نەشرىيات ۋە ساياھەتچىلىك / ئۇچۇر باش ئىدارىسى) نىڭ قارمىقىغا ئۆتتى. 1950 – يىلى ئىزمىر شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قارمىقىدا تارقىتىش ھاياتىنى باشلىغان ئىزمىر رادىيوسى، 1953 – يىلىدىن باشلاپ مەتبۇئاتى ئۇمۇم مۇدىرلىقىنىڭ قارمىقىدا تارقىتىش بېرىشنى داۋاملاشتۇردى.

1960 – يىلىدىن كېيىن سەككىز ۋىلايەتتە ۋىلايەت رادىيولىرى قۇرۇلدى. رادىيو تارقىتىشلىرىنىڭ ئەركىن ۋە بىتەرەپ بىر دۆلەت ئىقتىسادىي ئورگىنى سۈپىتىدە تەرتىپكە سېلىنىشىنى مەزمۇن قىلغان 1961 – يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننىڭ روھىغا ئاساسەن، 1964 – يىلى چىقىرىلغان 359 – نومۇرلۇق قانۇن بويىچە تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قارمىقىدا تارقىتىش بېرىۋاتقان رادىيو تارقىتىشلىرى، ئانتىنالارنىڭ كۈچەيتىلىشى سايىسىدا تېخىمۇ كۆپ قاتلام ۋە ساھەنى دائىرىسىگە ئالدى. TRT نىڭ مەركىزىي ۋە ھەر قايسى رايونلاردىكى رادىيولىرىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى بىلەن TRT-1,TRT-2 ۋە TRT-3 رادىيو تارقىتىشلىرى ۋۇجۇدقا چىقىرىلدى.

تېلېۋىزىيە تارقىتىشلىرى بولسا، 1968 – يىلى 31 – يانۋاردا تۈركىيەنىڭ تۇنجى سىناق تېلېۋىزىيە تارقىتىشى ئەنقەرەدىكى مىتھاتپاشا سىتودىيوسىدا ماھمۇت تالى ئۆنگۆرەننىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلىدى. ھەپتىدە 3 كۈن، ھەر كۈنى ئۈچ سائەتتىن تارقىتىش بېرىش بىلەن باشلىغان سىناق تارقىتىشلار، ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ھەپتىدە 4 كۈنگە چىقىرىلدى. 1970 – يىلى ئىزمىر تېلېۋىزىيەسى، 1971 – يىلى ئىستانبۇل تېلېۋىزىيەسى قۇرۇلدى.

1969 – يىلى ئاسترونوتلارنىڭ ئايغا قەدەم بېسىشى ۋە زەكى مۈرەننىڭ ئەنقەرەدە ئۆتكۈزگەن كونسېرتى تېلېۋىزور ئېكرانلىرى ئارقىلىق تارقىتىلدى. 1973 – يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككىنچى جۇمھۇر رەئىسى ئىسمەت ئىنۆنۈنىڭ جىنازا مۇراسىمى نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. 1974 – يىلى 20 – ئىيۇلدا باشلانغان قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىدىن پۈتۈن تۈركىيە ۋە ياۋروپا TRT تارقىتىشلىرى سايىسىدا خەۋەر تاپتى. ياۋروپا تېلېۋىزىيەلىرى ناخشا – مۇزىكا مۇسابىقىسىگە تۈركىيە تۇنجى قېتىم 1975 – يىلى TRT نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كىردى. 1978 – يىلى تۇنجى قېتىم سۇ ئاستى كامېرالىرىنى ئىشلىتىپ، «چوڭقۇرلۇقتىكى ئۆتمۈش» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم رەڭلىك سۈرەتكە ئېلىندى. 1979 – يىلى 5 دۆلەتتىن كەلگەن 133 ئۆسمۈر بىلەن 31 رەھبەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا تۇنجى 23 – ئاپرېل بالىلار پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

1974 – يىلى تېلېۋىزىيە تارقىتىشلىرى ھەپتە بويىچە تارقىتىلىدىغان، تارقىتىش دائىرىسى دۆلەت نوپۇسىنىڭ %55 (19 مىليونى) ىنى، دۆلەت يەر كۆلىمىنىڭ %28 (210،861 كم) ىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. تېلېۋىزىيەنىڭ تۈركىيەگە كىرگەنلىكىنىڭ 10- يىلىدا پ ت ت مەركەزلىرى تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنغان تېلېۋىزور قوبۇللىغۇچ سانى 2 مىليون 250 مىڭغا يەتتى.

1982 – يىلى تارقىتىش بېرىش، كۆچۈرۈش ۋە كىرىشتۈرۈش ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك ئىقتىدارغا ئىگە ياۋروپا تېلېۋىزىيە ناخشا – مۇزىكىلىرى مۇسابىقىنى ئۇلاپ تارقىتىش مەركىزى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى. بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان تارقىتىش بېرىش سائەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىكرانلارمۇ 1981 – يىلى 31 – دېكابىر يېڭى يىل كېچىسىدىن باشلاپ رەڭلىنىشكە باشلىدى ۋە 1984 – يىلىغا كەلگەندە پۈتۈنلەي رەڭلىك تارقىتىش بېرىش باسقۇچىغا قەدەم بېسىلدى.

1986 – يىلى تېلېۋىزىيەنىڭ 2 – قانىلى TRT-2 تارقىتىش ھاياتىغا قەدەم باستى. 1987 – يىلى «ئىنتېلسات» سۈنئىي ھەمراھىدىن ئىجارىگە ئېلىنغان بىر يەتكۈزۈپ بەرگۈچى سايىسىدا TRT-1 ۋە  TRT-2 پىروگراممىلىرى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق پۈتكۈل تۈركىيەگە تارقىتىلدى. TRT-3 ۋە GAP-TV 1989 – يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن TRT نىڭ قانال سانى 4 كە چىقتى. 1993 – يىلى تەلىم – تەربىيە سالمىقى ئېغىر بولغان TRT-4 قانىلى بىلەن ياۋروپادا ياشايدىغان تۈركلەرنى نىشان قىلغان TRT-İNT تارقىتىش بېرىشنى باشلىدى. يەنە 1993 – يىلى كاۋكازىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى كۆزدە تۇتۇپ تارقىتىش بېرىدىغان TRT-AVRASYA قانىلى، 1995 – يىلى بولسا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تېلېۋىزىيەسى تارقىتىش بېرىشنى باشلىدى.

1998 – يىلى TRT نىڭ تۇنجى چەت ئەل ۋاكالەتخانىسى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ئېچىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن تەرتىپى بويىچە 1999 – يىلى تۈركمەنىستاننىڭ ئاشخاباد شەھىرىدە، 2000 – يىلى ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ شەھىرىدە، مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە ۋە بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە ۋاكالەتخانىلار ئېچىلدى. 2002 – يىلىغا كەلگەندە، 6 – چەت ئەل ۋاكالەتخانىسى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئېچىلدى، 2004 – يىلىغا كەلگەندە، ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدىمۇ ۋاكالەتخانا ئېچىلدى.

1999 – يىلى TRT-SAYTEK (رەقەملىك تارقىتىش تېخنولوگىيە مەركىزى) قۇرۇلۇپ، ئىنتېرنېت ئادرېسى www.trt.net.tr ئارقىلىق تارقىتىش بېرىشنى باشلىدى.

2003 – يىلى ھەم ئىدارىمىز ھەم پۈتكۈل تۈركىيە ئۈچۈن ئۇنتۇلماس بىر يىل بولدى. TRT دۆلىتىمىز نامىدىن ئىشتىراك قىلغان 48 – نۆۋەتلىك ياۋروپا تېلېۋىزىيە ناخشا مۇسابىقىسىدە سەرتاپ ئەرەنئەرنىڭ ئىجراسىدىكى «Every Way That I can» ناملىق ناخشىسى بىلەن بىرىنچى بولدى.

چەت ئەللەردىمۇ پائال بىر تارقىتىش ئورنى ھېسابلىنىدىغان ئىدارىمىز 2004 – يىلى ئاسىيا – تىنچ ئوكيان تارقىتىش ئىتتىپاقى – ئاسىياۋىزيون كېلىشىمىگە قول قويدى.

2008 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى تۈركىيەنىڭ تۇنجى ۋە بىردىنبىر يەرلىك بالىلار تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان TRT Çocuk تارقىتىش بېرىشنى باشلىدى، 2009 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ھەر خىل ۋە شېۋىلەردە تارقىتىش بېرىدىغان تۇنجى قانال TRT6 كوردچە تارقىتىش بېرىشنى باشلىدى؛ 2015 – يىلى قانالنى ئىسمى TRT Kurdi غا ئۆزگەرتىلدى.

2008 – يىلى 11- ئاينىڭ 20 – كۈنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن www.trtvotworld.com، 31 تىلدىكى خەۋەر تارقىتىشى بىلەن يېڭى مېدىيا مۇلازىمەت مۇھىتىدا تارقىتىش بەرگۈچىلەر بويىچە دۇنيادا 5- قاتاردىن ئورۇن ئالدى. نۆۋەتتە تارقىتىش بېرىدىغان رايونلار بىلەن پۈتكۈل دۇنياغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراشلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن ئەتراپلىق، بىتەرەپ ۋە توغرا مەزمۇنلار بىلەن 41 تىلدا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تەقدىم قىلىنماقتا.

بالقان رايونىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە، ئوتتۇرا شەرقتىن كاۋكازىيەگىچە بولغان 27 دۆلەت، 13 ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتتىكى 250 مىليونغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە كەڭ كەتكەن رايونغا خىتاب قىلىدىغان TRT Avaz قانىلى، 2009 – يىلى 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى تارقىتىش سەپىرىگە ئاتلىنىپ، تۈركچە، ئەزەربەيجان تۈركچىسى، قازاقچە، قىرغىزچە، ئۆزبېكچە ۋە تۈركمەنچە پىروگراممىلىرى بىلەن تارقىتىش جۇغراپىيەسىدىكى بارلىق دۆلەتلەرگە ئورۇن بېرىلىدىغان ۋە ھەر بىر دۆلەتتىكى كۆرۈرمەن ئۆزىگە مەنسۇپ بىر نەرسىلەرنى ئۇچرىتالايدىغان «ئورتاق قانال» بولدى.

TRT Türk قانىلى، 2009 – يىلى 5 – ئاينىڭ 8 – كۈنى خەلقئارا تۈركچە خەۋەر ۋە مەدەنىيەت قانىلى كىملىكى بىلەن تارقىتىش بېرىشنى باشلىدى، شۇ يىلى سىناق تارقىتىش بېرىشنى باشلىغان TRT Anadolu قانىلى بولسا، TRT بىلەن مەھەللىي ۋە رايونلۇق تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئورتاقلىشىپ تارقىتىش بېرىدىغان قانال سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. TRT Anadolu قانىلى 2012 – يىلى رامىزان ئېيىدا 24 سائەت ئۈزلۈكسىز تارقىتىش بېرىدىغان TRT Diyanet قانىلىغا ئۆزگەرتىلدى. 2009 – يىلى 16 – نويابىردا تارقىتىش سەپىرىگە ئاتلانغان TRT Müzik قانىلى، تۈرك ناخشا – مۇزىكىلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئۆتمۈشتىن زامانىمىزغىچە بولغان تۈركىيە ۋە چەت ئەل ناخشا – مۇزىكىلىرىنى TRT ئەۋزەللىكى بىلەن ئېكرانلاردا ئەكس ئەتتۈرمەكتە.

«سىز گۇۋاھچى بولۇش تەييارمۇ؟» دېگەن شوئار بىلەن 2009 – يىلى 17 – ئۆكتەبىردە تارقىتىش بېرىشكە باشلىغان TRT Belgesel (ھۆججەتلىك فىلىم) قانىلى تۈركىيەنى ئىنگلىزچە، نېمىسچە، فىرانسۇزچە، رۇسچە ۋە تۈركچە بەش خىل تىلدا دۇنياغا تونۇشتۇرماقتا.

يەنە، 2009 – يىلى رادىيو6، TRT نەغمە، TRT ئەنقەرە كەنت رادىيوسى، TRT غەزەل ۋە TRT ياۋروپا رادىيولىرى تارقىتىش قوشۇنى سېپىگە قېتىلدى.

TRT، ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى خەۋەر قاناللىرىنىڭ بىرى بولغان Euronews بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، Euronews نىڭ چوڭ شېرىكلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى ۋە Euronews خەۋەر قانىلى 2010 – يىلى يانۋاردا 9 – تىل سۈپىتىدە تۈركچە تارقىتىش بېرىشنى باشلىدى.

2010 – يىلى 18 – مارتتا TRT خەۋەر قانىلى تارقىتىش بېرىشنى باشلىدى، TRT ئەتتۈركىييە قانىلى 2010 – يىلى 4 – ئاپرېلدا ئەرەب دۇنياسنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان قانىلى بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىپ تارقىتىش ھاياتىغا قەدەم قويدى. 2015 – يىلىغا كەلگەندە قانالنىڭ ئىسمى TRT ئەلئەرەبىييە، دەپ ئۆزگەرتىلدى.

تارقىتىش بېرىش ساھەسىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسى ھېسابلىنىدىغان HD (ئېنىقلىق دەرىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى) ئۆلچىمى بويىچە تارقىتىش بېرىدىغان TRT HD قانىلى، نۇقتىلىق ھالدا تەنتەربىيە، ھۆججەتلىك فىلىم ۋە كىنولارغا ئورۇن بەرمەكتە.

2010 – يىلى ئاۋغۇستتا تارقىتىش بېرىشكە باشلىغان TRT Spor قانىلى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى بارلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى بىۋاسىتە ياكى لېنتىغا ئېلىپ تارقىتىش بەرمەكتە؛ قانال، تەنتەربىيەنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە كۈچلۈك ئەھمىيەت بېرىدۇ.

2011 – يىلى يانۋاردا تارقىتىش ھاياتىغا قەدەم باسقان TRT Okul بولسا، ئوخشاش بولمىغان ياش گۇرۇپپىلىرى بويىچە تەييارلانغان مائارىپ ۋە مەدەنىيەت پىروگراممىلىرى بىلەن بىر تېخنولوگىيە ۋە مائارىپ قانىلى ھېسابلىنىدۇ.

TRT نۆۋەتتە 14 تېلېۋىزىيە قانىلى، 5 دۆلەت ئىچى، 5 رايونلۇق، 3 خەلقئارالىق ۋە 3 مەھەللىي رادىيو ئىستانسىسى، trt.net.tr ۋە 41 تىلدا تەييارلانغان www.trtvotworld.com ناملىق تور بەتلىرى، تېلېتېكس تارقىتىشى، «Televizyon»، «TRT Çocuk» ۋە «Radyovizyon»  ناملىق باسما نەشرى ئەفكارلىرى بىلەن تۈركىيە ۋە دۇنياغا تارقىتىش بەرمەكتە.