ئەردوغان: D-8  مۇنداق قىلسا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان D-8  تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارا سودا ئىشلىرىدا مىللىي پۇللارنى ئىشلىتىش زېمىنى ھازىرلانغان چاغدا تەشكىلاتنىڭ مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

831474
ئەردوغان: D-8  مۇنداق قىلسا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان D-8  ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق پۇرسەتلەرنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەرەققىياتقا زېمىن ھازىرلاش» سەرلەۋھىلىك 9 – نۆۋەتلىك يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «D-8  تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارا سودا ئىشلىرىدا مىللىي پۇللارنى ئىشلىتىش زېمىنى ھازىرلىغان ۋاقتىمىزدا، تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بۇيانقى مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن بولىمىز. پۇل قىممىتى، دوللار ۋە ياۋرونىڭ بېسىمى ئاستىدا ئىقتىسادىمىزنى ۋەيران قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆزئارا ھەمكارلىق كومىتېتى قۇرۇش ئۈچۈن مەركەز بانكىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىش تىكلىپى سۇندۇق. D-8  تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق يىغىنلارغا ناتنىشىش سەۋىيەلىرىنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشىمىز، خۇسۇسىي كارخانىلارنىمۇ بۇ پائالىيەتلەرگە داخىل قىلىشىمىز لازىم. D-8  باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىشىمىز كېرەك. ھەممىمىز 8 – د گە ساھىب چىقىشىمىز، تەشكىلاتىمىزنىڭ قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش، تېخىمۇ كۈچلۈك تەشكىلاتقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز شەرت.»

ھەممە ئىش ئۆزگەرگەن بىر دۇنيادا 8 – د نىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «يېڭى ھەمراھلار بىلەن بىرلىكتە يولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز، قۇدرەت تېپىشتىن قورقماسلىقىمىز، قارار چىقىرىش مىخانىزملىرىمىزدا بىردەك ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللاش تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازى بىلەن قارار ماقۇللاش تۈزۈمىگە ئوخشىغان ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىشىمىز لازىم. چۈنكى بىردەك ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللاش مىخانىزمى كۆپ ھاللاردا يولىمىزنى توسۇپ قويىدۇ،»

يىغىندىن كېيىنمۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئەردوغان، 8 – د نىڭ كېڭەيتىلىپ 20 – د گە ئۆزگەرتىلىدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە مۇھىم قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ تەشكىلاتنىڭ تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا بەرپا قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «8 – د مەلۇم كۈچلەرنىلا قوغدايدىغان تۈزۈمگە قارشى قۇرۇلغاندۇر. دەرۋەقە، نۆۋەتتە دېموكراتىيەنىڭ بوسۇغۇسى دەپ ئاتالغان ئەللەردە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتكە تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈنلا چەتكە قېقىلىۋاتقان مىليونلارچە ئىنسانلار بار. شۇڭا بۇنداق ئېچىنىشلىق مەنزىرە ئالدىدا 8 – د گە ئوخشىغان خەلقئارالىق بىر تەشكىلاتنىڭ سۈكۈت قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.»

يىغىندا قىسقا ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىك نىشانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرىكەت پىلانى ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تاللاش خاراكتېرلىك سودا، ۋىزا ۋە تاموژنا كېلىشىملىرىنىڭ بارلىق ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ماقۇللىنىشى ۋە كۈچكە ئىگە قىلىنىشىنىڭ ئالدىنقى نىشان ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

8 – د 1997 – يىلى تۈركىيە، ئىران، پاكىستان، باڭلادېش، مالايشىيا، ھىندونېزىيە، مىسىر ۋە نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر