مىسىردا رۇسىيەلىك ساياھەتچىنى ئۆلتۈرگەن لەھەڭ موميالىنىپ كۆرگەزمە قىلىنىدىغان بولدى

مىسىرنىڭ خۇرگادا دېڭىز تەۋەلىكىدە سۇ ئۈزۈۋاتقان رۇسىيەلىك ساياھەتچىنى ئۆلتۈرگەن لەھەڭ موميالىنىپ مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنىدىغان بولدى.

1999950
مىسىردا رۇسىيەلىك ساياھەتچىنى ئۆلتۈرگەن لەھەڭ موميالىنىپ كۆرگەزمە قىلىنىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مىسىر دېڭىز-ئوكيان پەنلىرى ئىنستىتۇتى ۋە قىزىل دېڭىز زاپاسلىرى تەتقىقات ئىدارىسى دۈشەنبە كۈنى رۇسىيەلىك ساياھەتچىنى ئۆلتۈرگەن لەھەڭنى موميالاشنى باشلىدى.

ئەل ئەرەبىيە تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، موميالاش ئىشلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، لەھەڭ مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.

رۇسىيەلىك ساياھەتچى ۋلادىمىر پوپوۋنىڭ جەسەت پارچىلىرى لەھەڭنىڭ قارنىدىن تېپىلغان بولۇپ، پوپوۋنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋاقىتلىرىغا دائىر سىنئالغۇ لېنتىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئىدى.

قىزىل دېڭىزدا لەھەڭلەرنىڭ سۇ ئۈزگۈچىلەرگە يېقىنلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بەزى دېڭىز ساھىللىرىغا تور ئورنىتىش پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر