كوسوۋو پارلامېنتى تۈركىيە بىلەن ئىمزالانغان «ھەربىي رامكا كېلىشىمى»نى ماقۇللىدى

كوسوۋو پارلامېنتىدىكى ھاكىمىيەت ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەر پارلامېنت ئەزالىرى، 29-يانۋار تۈركىيە بىلەن كوسوۋو ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «ھەربىي رامكا كېلىشىمى»نى بىردەك تەستىقلىدى.

2140775
كوسوۋو پارلامېنتى تۈركىيە بىلەن ئىمزالانغان «ھەربىي رامكا كېلىشىمى»نى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوسوۋو يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق ۋە يېزا-قىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرى فاتون پەچى پارلامېنتىتا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئېجۇپ ماكېدونچىغا ۋاكالىتەن  كېلىشىمنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ باشقا بىر قاتار مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە، تىنچلىق ساقلاش، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پەچى پارلامېنت ئەزالىرىنى كېلىشىمنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن بېلەت تاشلاشقا چاقىرىپ: «بۇ كېلىشىم تۆۋەندىكى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلارنى مەزمۇن قىلىدۇ: ھەربىي مەشىق، سانائەت ۋە مۇداپىئە، ھەربىي ئىستىخباراتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، ھەربىي دوختۇرلۇق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى قاتارلىقلار. بۇ كېلىشىمنىڭ خەلقئارا كېلىشىملەر قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن، قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمەن» دېدى.

120 كىشىلىك پارلامېنتتا بېلەت تاشلاشقا قويۇلغان كېلىشىم، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ 85 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ بېلەت تاشلىشى بىلەن تەستىقلاندى.

تۈركىيە بىلەن كوسوۋا ئوتتۇرىسىدىكى «ھەربىي رامكا كېلىشىمى»، 29-يانۋار ئەنقەرەدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر بىلەن كوسوۋو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئېجۇپ ماكېدونچى تەرىپىدىن ئىمزالانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر