نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى

نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2140917
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانو ئۆلكىلىك ساقچىخانىسىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىشلىرى ئەمەلدارى ئابدۇللاھى ھارۇنانىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن نىگېرىيەنىڭ گېزاۋا رايونىغا قاراشلىق لارابا ئاباساۋا يېزىسىدا بامدات نامىزى ئەسناسىدا ماي باكى سەۋەبىدىن پارتلاش يۈز بەرگەن.

پارتىلاشتا 11 كىشى قازا قىلغان، 17 كىشى يارىلانغان.

ھارۇنانىڭ ئېيتىشىچە، داۋالىنىۋاتقان بىر قىسىم يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن، شۇڭا پارتلاشتا قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا ئىكەن.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پارتلاشنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بىر كىشى قولغا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر