غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 35 مىڭ 386 گە يەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 83 ئادەم كۆپىيىپ، 35 مىڭ 386 گە يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا 225 كۈندىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.
باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا يۈرگۈزگەن 9 قېتىملىق قەتلىئاملىرى داۋامىدا يەنە 83 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 105 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بايان قىلىندى.
ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 35 مىڭ 386 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 79 مىڭ 366 گە يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدىمۇ ئۆلۈكلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇ بولۇشى سەۋەبىدىن داۋالاش ئەترەتلىرى بىلەن خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى ئالالمايۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
فىرانسىيەدە بىر جامى ئىرقىي ئايرىمچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
فىرانسىيەنىڭ ئاننېس شەھىرىدە بىر جامى ئىرقىي ئايرىمچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.