ت ر ت نىڭ 60-يىلىغا بېغىشلاپ تەييارلانغان تور بېكەت زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى
تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى —TRT نىڭ 60 يىللىقىغا بېغىشلاپ مەخسۇس تەييارلانغان www.trt60yasinda.com ناملىق تور بېكەت ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، TRT نىڭ 60 يىللىق ئاڭلىتىش ھاياتىدىكى يېڭىلىقلارغا ئورۇن بېرىلگەن تور بېكىتىدە، تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىكى تارقىتىشلار، رەقەملىك ئەپلەر، كۆرۈلۈش رېكورتى ياراتقان ئەسەرلەر ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى تۈرلەرگە ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تور بېكەت يەنە زىيارەتچىلىرىگە تۈركىيەنىڭ ئۇنتۇلماس ناخشا-مۇزىكىلىرى، ناخشىچىلىرى ۋە ئەسەرلىرىنى سۇنىدىكەن.
تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا تور بېكەت ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ: «خاتىرىلىمىزدىن ئىلھام ئېلىپ، كېلەككە ئىپتىخار بىلەن يول ئالماقتىمىز. ت ر ت 60-يىلىدا ئۆزگەرمەكتە، زورايماقتا، كۈچەيمەكتە. 60-يىلغا ئاتالغان مەخسۇس تور بېكىتىمىز ئېچىۋېتىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ت ر ت نىڭ يېڭىدىن ئېچىۋېتىلگەن تور بېتىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن زىيارەت قىلالايسىز...
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
بۈگۈن دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى
بۈگۈن دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى... دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنىنى تەبرىكلەيمىز.