دېڭىز سۈيى نېمە ئۈچۈن تۇزلۇق؟ چۈنكى...

چۈنكى (18)

2134433
دېڭىز سۈيى نېمە ئۈچۈن تۇزلۇق؟ چۈنكى...

 

«چۈنكى...» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، دۇنيامىزنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان سۇ ۋە بۇ سۇ ماسسىسىنىڭ %97.5 ىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېڭىز - ئوكيان سۈيىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇزلۇق بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىمىز. 

**** ****** ***** ****

پىلانېتامىزنىڭ تاشقى ئالەمدىن تارتىلغان رەسىمىگە قارايدىغان بولساق، كۆك رەڭلىك شارنى كۆرىمىز. بۇ كۆك رەڭ يەر يۈزىنىڭ كۆپ قىسمىنى قاپلىغان دېڭىز-ئوكيانلاردىن كەلگەن. دۇنيا ئېكولوگىيەسى ۋە جانلىق ھاياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان سۇنىڭ پەقەت %2.5 ىلا ئىنسانلار ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىچىشىگە ماس كېلىدىغان تاتلىق سۇ بولۇپ، قالغان زور تۈركۈمى رايونلارغا كۆرە ئوخشىمايدىغان نىسبەتتە تۇزلۇق سۇ ھېسابلىنىدۇ.

دېڭىز سۈيىنىڭ تۇزلۇق بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دۇنيانىڭ قالغان ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان قۇرۇقلۇقتۇر. نەچچە مىليونلىغان يىل مابەينىدە يەر تەۋرەشلەر، يېرىلىشلار ۋە ۋولقان پارتلاشلىرى سەۋەبىدىن پارچىلانغان قىيالىقلار ئىچىدىكى مېنېراللار ئاقارسۇ ئارقىلىق دېڭىز-ئوكيانلارغا ئاقىدۇ. بۇ مېنېراللار ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى ناترىي ۋە خلور بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغىنىڭلاردەك ناترىي بىلەن خلورنىڭ بىرىكىشىدىن تۇزھاسىل بولىدۇ.

****** ***** ****** ******

ئاقارسۇلارنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئاقار سۇ ئۆتكەنلا يەردە تۇپراقنى يۇمشىتىپ، ئېرىگەن پارچىلارنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە دېڭىزغا تۆكىدۇ. ئېرىگەن قار-مۇزلارنىڭ سۈيى بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك ئاقىدىغان ئاقار سۇلارنىڭ توپراقنى يۇمشىتىش ۋە ئېرىتىش ئۈنۈمى ئاشىدۇ. بۇ تېخىمۇ كۆپ مېنېرال ماددىلارنىڭ دېڭىزغا ئارىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دېڭىز ئاستىدىكى يانار تاغ ھەرىكەتلىرى ۋە ماگمىلاردىن چىققان مېنېراللارنىڭمۇ سۇغا ئارىلىشىشى دېڭىز سۈيىنىڭ تۇزلۇق بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرىدۇ.  

مىليونلىغان يىللاردىن بۇيان، بەزى رايونلاردا پارغا ئايلىنىپ كەتكەن سۇلار ئارقىدا تۇز چۆللىرى ياكى كۆللىرىنى قالدۇرۇپ كەلدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، قۇرۇقلۇقتىكى بۇ تۇزلار يەر ئاستى ئېقىمى قاتارلىق ھەر خىل يوللار بىلەن يەنە دېڭىز-ئوكيانلارغا يېتىپ بارىدۇ. سۇنىڭ تۇزلۇق بولۇش نىسبىتى دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىغا ۋە رايوندىكى ئاقارسۇلارنىڭ مىقدارىغا شۇنداقلا پارغا ئايلىنىش نىسبىتى ۋە ئوكيانلارغا ئېقىش مىقدارىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، ئېكۋاتور رايونلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە پارغا ئايلىنىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن سۇنىڭ تۇزلۇق بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. قۇتۇپ رايونلىرىدا بولسا، مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشى ۋە ھۆل-يېغىن مىقدارىنىڭ كۆپ بولۇشى سەۋەبىدىن تۇزلۇق بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر