قازاقىستان تۈركىيەدە يۈز بەرگەن 6-فېۋرال يەر تەۋرەش ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

قازاقىستان 2023-يىلى 6-فېۋرال قاھرامانماراشتا يۈز بېرىپ، 11 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن ئاپەتنىڭ بىرىنچى خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى.

2098446
قازاقىستان تۈركىيەدە يۈز بەرگەن 6-فېۋرال يەر تەۋرەش ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان تېلېگراممىدا، ئۆتكەن يىلى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قازاقىستان پايتەختى ئاستانەدە چاقىرىلغان 10-نۆۋەتلىك دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، 6-فېۋرالنىڭ «ئاپەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش ۋە ھەمكارلىق كۈنى» دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تېلېگراممىدا: «ئە شۇنداق قىيىن پەيتلەردە، قازاقىستان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيەگە تۇنجى بولۇپ ياردەم بەرگەن  دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولدى ۋە تۈرك ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۈچىنى نامايان قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

قازاقىستاننىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈركىيەنىڭ بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

2023-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر سائەت 4 تىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە، قاھرامانماراشنىڭ پازارچىك ناھىيەسىدە 7.7 بال، ئەلبىستان ناھىيەسىدە (تۈركىيە ۋاقتى) سائەت 13 تىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە 7.6 بال يەر تەۋرەپ، 53 مىڭ 537 ئادەم قازا قىلغان، 107 مىڭ 213 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر