ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئەزەربەيجان چېگراسغا ھەربىي كۈچ توپلىماقتا

ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ چېگراغا ھەربىي كۈچ توپلاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2122569
ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئەزەربەيجان چېگراسغا ھەربىي كۈچ توپلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىككى دۆلەت چېگراسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا قويۇق ھەرىكەت ۋە ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئەرمېنىيەدە ئەزەربەيجانغا ئۇرۇش بىلەن تەھدىت سالغان ئۆچ ئېلىش كۈچلىرىنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ ھالغا كەلگەنلىكى، تاجاۋۇزچى سۆزلىرىنىڭ ۋە ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرىدىكى خەۋەرلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، «ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەر قانداق ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك ئۇرۇنۇشى ئەزەربەيجان ئارمىيەسى تەرىپىدىن قەتئىيلىك بىلەن توسۇپ قىلىنىدۇ. ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى ۋە يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىغۋاگەرچىلىكنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتى پۈتۈنلەي ئەرمېنىيە ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۈستىدە بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلايمىز» دېيىلدى.

  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر