بۈگۈن ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك يىغىنى ئېچىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قارارىغا ئاساسەن، بۈگۈن ئىستانبۇلدا يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك يىغىنى ئېچىلىدۇ.

2088200
بۈگۈن ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك يىغىنى ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ دولماباغچەدىكى ئىشخانىسىدا بىخەتەرلىك يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئالتۇن ئۇچۇرىدا، يىغىنغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مەتىن گۈراك ۋە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم قالىننىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر