ئىستانبۇلدا ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 29 ئادەم قازا قىلدى

ئىستانبۇل بەشىكتاش رايونىدىكى 16 قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىدە ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

2123917
ئىستانبۇلدا ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 29 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل بەشىكتاش رايونىدىكى 16 قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىدىكى رېمونت قىلىش خىزمەتلىرى جەريانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 29 ئادەم قازا قىلدى.

ھازىرغىچە سەۋەبى ئېنىقلىنالمىغان ئوت ئاپىتى  نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۆچۈرۈلدى.

ئىستانبۇل ۋالىيلىق مەھكىمىسى ئوت ئاپىتىدە 29 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، بىر ئادەمنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكاياغا تېلېفون قىلىپ، ئوت ئاپىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدى.

مىنىستىر يەرلىكايا ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىنادىكى تەكشۈرۈشلىرى داۋام قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر