ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى يەنە ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى 8-ئاپرېلدىن 14-ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتا كۈنىگە ئوتتۇرىچە 1428 ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولۇپ باھالاندى.
2131901
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكى تەشكىلاتىنىڭ 8-ئاپرېلدىن 14-ئاپرېلغىچە بولغان مەزگىلدىكى ياۋروپا ئاۋىياتسىيە دوكلاتى ئېلان قىلىندى.
دوكلاتقا قارىغاندا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى بۇ مەزگىلدە كۈنىگە ئوتتۇرىچە 1428 ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئاۋات ئايرودۇرۇملار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، 2023-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئۇچۇش قېتىم سانىنى% 10 ئاشۇرغان، شۇنىڭ بىلەن، دۇنيادىكى ئەڭ ئاۋات 10 ئايرودۇرۇمنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن قالسا، ئامىستېردام سچىپھول ئايرودۇرۇمى كۈنىگە 1343 ئۇچۇش بىلەن ئىككىنچى، لوندون خىسروۋ ئايرودۇرۇمى كۈنىگە 1311 ئۇچۇش بىلەن ئۈچىنچى بولغان.