خەلقئارا ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش شىركىتى – S&P، خىتاينىڭ دەرىجىسىنى بىر بالداق تۆۋەنلەتتى

خەلقئارا ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش شىركىتى – S&P، خىتاينىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنىڭ بىر بالداق تۆۋەنلىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

811433
خەلقئارا ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش شىركىتى – S&P، خىتاينىڭ دەرىجىسىنى بىر بالداق تۆۋەنلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش شىركىتى – S&P بايانات بېرىپ، قەرز مىقدارىدا ئېشىش كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئەسلىدىكى «ئائا-» لىق ئىناۋەت دەرىجىسىنىڭ «ئا+» غا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، كىرېدىت كۆرسەتكۈچىنىڭ ئەسلىدىكى «مەنپىي» لىكتىن «تۇرغۇنلۇق» قا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

خىتاينىڭ ئېشىپ كەتكەن قەرز يۈكىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇقىملىقىغا خەۋپ شەكىللەندۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن مەزكۇر باياناتتا، 2009 – يىلىدىن بۇيان خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ساھەلەرنىڭ قەرز ئېلىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ساھەلەرنىڭ قەرزلىرىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش يولىدا تاشلىغان قەدەملىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە باش كۆتۈرگۈسى مالىيە خەۋپلىرىنى ئازايتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىمۇ قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر