گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى

گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.

2140619
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇزۇنلۇقى 285 مېتىر كېلىدىغان، كۆپىنچىسى ئامېرىكالىقلاردىن تەشكىل تاپقان 1976 يولۇچى ۋە 785 خادىم ئولتۇرغان ساياھەت پاراخوتى ئەتىگەن تەرەپلەردە ئالانيا پورتىغا كەلدى.

ساياھەتچىلەر تاموژنا رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، پاراخوتتىن چۈشۈپ تارىخىي ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى، نەرسە - كېرەك سېتىۋالدى، رېستوران ۋە قەھۋەخانىلاردا ۋاقىت ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر