«ئۈزۈكلەرنىڭ خوجايىنى» ۋە «تىتانىك» ناملىق فىلىملەرنىڭ ئارتىسى بېرنارد خىل ۋاپات بولدى

«ئۈزۈكلەرنىڭ خوجايىنى» ناملىق فىلىمدە پادىشاھ تېئودېن ۋە «تىتانىك» ناملىق فىلىمدە كاپىتان ئېدۋارد سىمىس قاتارلىقلارنىڭ روللىرى بىلەن تونۇلغان ئەنگلىيەلىك ئارتىس بېرنارد خىل (Bernard Hill) ۋاپات بولدى.

2135743
«ئۈزۈكلەرنىڭ خوجايىنى» ۋە «تىتانىك» ناملىق فىلىملەرنىڭ ئارتىسى بېرنارد خىل ۋاپات بولدى
yüzüklerin efendisi

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېرنارد خىلنىڭ دىرېكتورى لۇ كۇلسون (Lou Coulson) داڭلىق ئارتىسنىڭ تۈنۈگۈن (5-ماي) ئەتىگەندە ۋاپات بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بېرنارد خىل 1944-يىلى مانچىستېردا تۇغۇلغان بولۇپ، «تىتانىك» فىلىمىدە پاراخوت كاپىتانى ئېدۋارد سىمىس (Edward Smith) نىڭ رولىنى ئالغان ئىدى.

بېرنارد خىل ئەڭ كۆپ ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىلىم «ئۈزۈكلەرنىڭ خوجايىنى» بولۇپ، ئۇنىڭدا پادىشاھ تېئودېن (Theoden) نىڭ رولىنى ئالغان ئىدى.

ئەنگلىيەلىك ئارتىسنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىدىن كېيىن، ئۇنىڭ يېقىنلىرى قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ئىجتىمائىي تااتقۇلاردا ھەمبەھرلىدى.

«ئۈزۈكلەرنىڭ خوجايىنى» ناملىق فىلىمنىڭ مەستانىلىرى كىنودىكى ئۆلگەنلەرگە قارىتىلغان «ياخشى بول، كەتكىن، سەن كەتكىن!» دېگەن سۆزلەرنى يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ قايغۇلىرىنى ئىپادىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر