تۈركىيەنىڭ فىندىق ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ 8 ئايلىق فىندىق (ئورمان ياڭىقى) ئېكىسپورتى 1 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يېقىنلاشتى.

2135393
تۈركىيەنىڭ فىندىق ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارا دېڭىز فىندىق ۋە مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتچىلىرى جەمئىيىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 1-سېنتەبىر باشلانغان 2023، 2024-يىللىق ئېكسپورت پەسلىنىڭ قالغان 8 ئېيى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

باياناتتا، 2023-يىلى 1-سېنتەبىردىن 2024-يىلى 30-ئاپرېلغىچە بولغان جەرياندا، چەت ئەلگە  213 مىڭ 338 توننا فىندىقنىڭ 1 مىليارد 591 مىليون 745 مىڭ 456 دوللارغا سېتىلغانلىقى دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، ئالدىنقى پەسىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە 220 مىڭ 466 توننا فىندىق ئېكىسپورت قىلىنىپ، 1 مىليارد 316 مىليون 179 مىڭ 769 دوللار كىرىم قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر