تۈركىيەنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى
خەلقئارا ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى — S&P تۈركىيەنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى «B» دىن «B +» قا ئۆستۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: S&P بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى كۆرۈنۈشىنىڭ «ئىجابىي (پوزىتىپ)»لىك ھالىتىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيەدە (31-مارت) ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلاملاردىن كېيىن، تاشقى تەڭپۇڭلۇقنىڭ تەسىرى بىلەن پۇل، مالىيە ۋە كىرىم سىياسىتىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئالدىمىزدىكى ئىككى يىل ئىچىدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېقىمىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقى، نۆۋەتتىكى ھېسابات قىزىل رەقىمىنىڭ تارىيىدىغانلىقى، پۇل پاخاللىقى ۋە دوللارلىشىشنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا، ئەگەر تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر پۇل پاخاللىقى ئازايغان، نۆۋەتتىكى ھېسابات قىزىل رەقىمى تارايغان، دوللارلىشىش تۆۋەنلىگەن مۇھىتتا، لىراغا بولغان ئىشەنچنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىسە، تۈركىيەنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە ئالاقىدار مۆلچەرلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى %3دىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بارلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.