جو بايدىننىڭ ياپونىيەنى «چەتئەللىكلەرگە دۈشمەن» دەپ تەرىپلىشى نارازىلىق قوزغىدى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرى بولغان ياپونىيەنى «چەتئەللىكلەرگە دۈشمەن» دەپ تەرىپلىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

2135445
جو بايدىننىڭ ياپونىيەنى «چەتئەللىكلەرگە دۈشمەن» دەپ تەرىپلىشى نارازىلىق قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى <كىيودو> نىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتى دائىرىلىرىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋەرىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننىڭ سۆزلىرىنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

توكيو ھۆكۈمىتى بۇ ئېنىقلىمىغا قارىتا «بىتەلەيلىك» دەپ باھا بەردى ۋە ۋاشىنگىتون دائىرىلىرىگە بايدىننىڭ سۆزلىرىنىڭ «ياپونىيەنىڭ سىياسىتىنى توغرا چۈشىنىشنى ئاساس قىلمىغان» لىقى بىلدۈرۈلدى.

بايدىن ھەپتە ئىچىدىكى بىر سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ كامېرىلارغا يېپىق قىسمىدا، ئامېرىكانىڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرى بولغان ياپونىيە بىلەن ھىندىستاننى «چەتئەللىكلەرگە دۈشمەن» دەپ تەرىپلىگەن ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 10 - ئاپرېلدا ياپونىيە باش مىنىستىرى كىشىدا فۇمىئونى ئاقسارايدا دۆلەت مۇراسىمى بىلەن كۈتۈۋالغان ۋە ئۇچرىشىشتا ھىندى-تېنچ ئوكيان رايونىدىكى بىرلەشمە ھەرىكەت شۇنداقلا «خىتايغا قارشى ئىتتىپاقلىق» ئۇچۇرىنى بەرگەن ئىدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر