لوندوننىڭ مۇسۇلمان شەھەر باشلىقى سادىق خان ئارقا - ئارىقىدىن ئۈچىنچى قېتىم يەنە سايلاندى

ئەنگلىيەدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت سايلاملىرىدا ئىككى قېتىم پايتەخت لوندوننىڭ شەھەر باشلىقى بولغان ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ مۇسۇلمان نامزاتى سادىق خان ئۈچىنچى قېتىم يەنە شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلاندى.

2135480
لوندوننىڭ مۇسۇلمان شەھەر باشلىقى سادىق خان ئارقا - ئارىقىدىن ئۈچىنچى قېتىم يەنە سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە مىقياسىدا 2 – مايدا 107 شەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن شەھەر باشلىقى، كېڭەش ئەزاسى ۋە ساقچى كومىسسارلىرى سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدى.

ئىككى قېتىم لوندوننىڭ شەھەر باشلىقى بولغان تېگى پاكىستانلىق سادىق خان، ئىناۋەتلىك سايلام  بېلەتلىرىنىڭ %43.7 نى قولغا كەلتۈرۈپ،  ئۈچىنچى قېتىم چوڭ شەھەرنى باشقۇرۇشقا ھوقۇقلۇق بولدى.

تىزىمغا ئالدۇرغان سايلىغۇچىلار سانى جەمئىي 6 مىليون 200 مىڭ بولغان ۋە سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى %40.5 بولغان لوندوندىكى ساملامدا، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىەسىنىڭ نامزاتى سۇسان ھال ئاران %32.2  ئاۋازغا ئېرىشەلىدى.

نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان 106 سايلام رايونىدا، ئىشچىلار پارتىيەسى قول ئىلكىدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر سانىنى ئەسلىدىكى 42 تىن 50 كە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېڭەش ئەزالىرى سانىنى ئەسلىدىكى 955 دىن 1140 قا چىقاردى.

ئەنگلىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى بولسا، قول ئىلكىدىكى 16 شەھەردىن 10 نى ئۇتتۇرۇپ قويدى.

كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئەسلىدىكى 986 شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېڭەش ئەزاسى ئوروندۇقىدىن 473 ىنى رەقىبىگە تارتقۇزۇپ قويغان بولدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر