رۇسىيەنىڭ ئىزدەپ تۇتۇش تىزىملىكىگە زېلېنسكىينى كىرگۈزۈلگەنلىكى مەسخىرىگە ئۇچرىدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭ رۇسىيەدە ئىزدەپ تۇتۇش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىگە دائىر  ئۇقتۇرۇشلارنىڭ رۇسىيە دۆلىتىنىڭ ۋە ئۇنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىنىڭ چارىسىزلىكنىڭ ئىسپاتى بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2135498
رۇسىيەنىڭ ئىزدەپ تۇتۇش تىزىملىكىگە زېلېنسكىينى كىرگۈزۈلگەنلىكى مەسخىرىگە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، «رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ زېلېنسكىينى ئاتالمىش ​​ ئىزدەپ تۇتۇش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقى رۇسىيە دۆلىتىنىڭ ۋە تەتۈر تەشۋىقاتىنىڭ نەقەدەر چارىسىزلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر» دېيىلدى.

باياناتتا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىغا دائىر كۈچلۈك گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنىشى توغرىسىدا قارار ماقۇللىغانلىقى، بۇنىڭ بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكى ۋە بۇ قارارنىڭ 123 دۆلەتتە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى ئىزدەپ تۇتۇش تىزىملىكىدە تۇغۇلغان ئورنى ۋە ۋاقتى بىلەن بىرلىكتە زېلېنسكىينىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئاساسەن ئىزدەپ تۇتۇلىشى كېرەكلىك كىشى قاتارىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر