ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدە 300 دۇكان كۈلگە ئايلاندى

ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدىكى تارىخىي قەيسەرى بازىرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 300 دۇكان كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى.

2135877
ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدە 300 دۇكان كۈلگە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدە تارىخىي بازارنى ئىس-تۈتەك قاپلاپ كەتكەن ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى.

ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ناھايىتى ئۇزۇنغىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ئوتنى ئۆچۈردى.

تارىخىي بازاردا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 300 گە يېقىن دۇكان كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى دۇكان ئىگىلىرىنىڭ بۇ رايونغا كىرىشىگە يول قويمىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە بەرپا قىلىنغان قەيسەرى بازىرى 200 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى تاپقىلى بولىدىغان بۇ بازار ئەربىلنىڭ دائىمىي سەيلىگاھلىرىدىن بىرى ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر